Kayıtlar

2017 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە مۇھەببەتلىشىش

قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە مۇھەببەتلىشىش   20949- نومۇرلۇق سوئال سوئال : مەن ئون سەككىزگە ياشقا كىرگەن بىر ياش، مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىشنىڭ كەلگۈسىدە ئائىلىنى ۋەيران قىلغۇچى بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. لېكىن توي بولغۇچە زىنادىن خالى، باشقىلاردىن مەخپى تۇتقان ھالدا مۇھەببەتلەشسەك بولامدۇ؟. بۇرۇنقى ئىشقى-مۇھەببەت قىسسىلىرىدە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار بولغانمۇ؟ . جاۋاپ : بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر . مۇھەببەتلىشىش پەقەت ئائىلىنىلا ۋەيران قىلىپ قالماستىن بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتنى ۋەيران قىلغۇچى ئامىل، بۇنداق قىلغان كىشىلەرگە ئاللاھ قاتتىق ئازاب ۋە ئىنتىقامنى ۋەدە قىلغان، مۇھەببەتلىشىش ئىنساننىڭ قەلبىنى ۋەيران قىلىپلا قالماستىن، ئۇ مۇھەببەتلەشكۈچىلەرنى زىنا ۋە يولدىن چىقىشقا يېتەكلەيدۇ، شەيتان   داۋاملىق مۇھەببەتلەشكۈچىلەرگە تاكى ئۇلار يولدىن چىقىپ زىناغا   قەدەم قويغۇچە بولغان يولنى تەييارلاپ بېرىدۇ، ئاندىن مۇھەببەتلەشكۈچىلەر زىنا ئارقىلىق ئۆز مەقسەتلىرىگە ئېرىشىدۇ . مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان چەكلەنگەن ئى

ئايال كىشى ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۇسۇل ئوينىسا بولامدۇ؟

ئايال كىشى ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۇسۇل ئوينىسا بولامدۇ؟ پەتىۋا بەرگۈچى: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى (93976-نومۇرلۇق پەتىۋا ) « فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى ئايال كىشىنىڭ نامەھرەملەر ئالدىدا تولۇق ھىجابلىنىشى پەرز. پىتنە-پاساد تېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئايال كىشىنىڭ ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۇسۇل ئوينىشى ئەڭ يامان پىتنىلەردىن بىرى بولۇپ، ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىنىڭ ئالدىدا ئۇسۇل ئوينىشى ھارام. بۇ يول قويۇلمايدىغان قىلمىش. چۈنكى، بۇنداق قىلىش بالايى ئاپەت ۋە پىتنە-پاسات تېرىيدۇ. شۇڭىلاشقا، مۇسۇلمان خانىم-قىزلار بۇنداق ئىپلاس ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك . تەۋپىق ئاللاھتىندۇر . دۇرۇت ۋە سالاملار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا بولسۇن . پەتىۋا بەرگۈچىلەر: ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى، پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز [ۋاپاتى: ھ1420، م ]1999 ؛ پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ پەزىلەتلىك شەيخ، دوكتور بەكرى ئەبۇ زەيد؛ پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ .

ئاياللارنىڭ زىننەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا چىقىشىنىڭ ھۆكمى

ئاياللارنىڭ زىننەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا چىقىشىنىڭ ھۆكمى سوئال: ئاياللارنىڭ زىننەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ ئۆيىدىن چىقىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ پەتىۋا بەرگۈچى ئورۇن: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى (10432-نومۇرلۇق پەتىۋا ( » فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى جاۋاب : ئاياللارنىڭ زىننەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا چىقىشى دۇرۇس ئەمەس . چۈنكى، زىننەتلىك كىيىملەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، ئەرلەرنى جەلپ قىلىدۇ، ئەرلەرنىڭ دىندا پىتنىگە چۈشىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئاياللارنىڭ زىننەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا چىقىشىنىڭ چەكلىنىشى ئاياللارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈندۇر (چۈنكى، نامەھرەملەرنىڭ ئايال كىشىنى تاماشا قىلىشى ئۇنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ-ت .( مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە-كراملارغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن . پەتىۋا بەرگۈچىلەر: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز [ۋاپاتى:م1420،ھ1999]؛ پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ پەزى

زۆرۈرىيەت سەۋەبلىك قىز-خانىملارنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرىسىدا

Resim
زۆرۈرىيەت سەۋەبلىك قىز-خانىملارنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرىسىدا ئايالىمنىڭ دوستىنىڭ ئايالىمنىڭ دوستىنىڭ تۇنىستىن فرانسىيىگە سەپەر قىلىشى زۆرۈر بولۇپ قالدى، چۈنكى ئۇ ئايال توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن فرانسىيدە ياشايتتى، ئەگەر ئۇنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا بولمىسا سەپەرنىڭ ھەممىسىدە مەھرىمى ھەمراھ بولىشى كېرەكمۇ؟، ئايالنى يولدىشى ئايدۇرۇمدىن يولغا سىلىپ قويسا، دادىسى يەنە بىر شەھەردە ئايدۇرۇمدا كۈتۈۋالسا بۇ مەھرەملىككە كۇپايە قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز . Published Date: 2017-03-21    جاۋاپ :    بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر .    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەر قىلمىسۇن، مەھرەمسىز ئاياللارنىڭ يېنىغا يات ئەرلەر كىرمىسۇن دېگەندە، ساھابىلاردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: يا رەسۇلۇللاھ! مەن ئەسكەرلەر بىلەن پالانى-پالانى ئۇرۇشقا چېقىشقا تىزىملاتقان ئىدىم، ئايالىم ھەجگە چىقماقچى ئىدى دەيدۇ، پە

كۈيئوغۇل قېيىنئانىغا مەھرەم ھېسابلىنامدۇ؟

كۈيئوغۇل قېيىنئانىغا مەھرەم ھېسابلىنامدۇ سوئال: بەزى ئاياللارنىڭ كۈيئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا ھىجابلىنىۋېلىشى ۋە ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى رەت قىلىشى دۇرۇسمۇ؟ پەتىۋا بەرگۈچى ئورگان: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى (3111-نومۇرلۇق پەتىۋا) «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى جاۋاب: ئايال كىشىگە نىسبەتەن كۈيئوغلى مەھرەم ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئايالنىڭ ئادەتتە ئانىسى، ئاچا-سىڭىللىرى، قىزلىرى ۋە باشقا مەھرەم تۇغقانلىرى كۆرۈشكە بولىدىغان جايلىرىنى كۈيئوغلىنىڭمۇ كۆرۈشى دۇرۇس. شۇ يۈزدىن، ناۋادا قېينىئانانىڭ كۈيئوغلى ئالدىدا يۈز، چاچ ۋە بىلەكلىرىنى يۆگىۋېلىشى ھىجابلىنىش چېكىدىن ئېشىپ كېتىش ھېسابلىنىدۇ. كۈيئوغلى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى رەت قىلىشمۇ ئوخشاشلا چەكتىن ئېشىشتۇر. بۇ سەلبىي مەسىلىلەرگە، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق رىشتىسىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن، قېينىئانا بۇنداق چەكتىن ئېشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ناۋادا، كۈيئوغلىنىڭ ئەخلاقىدىن گۇمانغا چۈشكەن، كۈيئوغلىنىڭ ئۆزىگە غەيرى نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى سەزگەن ئەھۋالدا يۇقارقىدەك قىلغان بولسا، توغرا قىلغان بولىدۇ. تەۋپى

ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى

ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى » فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى سوئال : بىز قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان قىزلارمىز. قۇرئان دەرىسلىكىدە ئوقۇتقۇچىمىز بىزنىڭ ھەيزدار ھالىتىمىزدە بىزدىن قۇرئان ئوقۇشنى تەلەپ قىلدى. بىز ئادەتتە ئۇستازىمىزغا ئادەت كۆرگىنىمىزنى ئېيتىشتىن نومۇس قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەيزدار بولغانلىقىمىز سەۋەبلىك قۇرئاننى ئۆزىمىز خالىمىغان ھالدا ئوقۇدۇق. ھەيزدار ھالەتتە قۇرئان ئوقۇش توغرىمۇ؟ ئەگەر توغرا بولمىسا، ئادەت كۆرگەن ۋاقتىمىز قۇرئان دەرسلىكى ئىمتىھانىمىزغا كېلىپ قالغاندا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى:1999-يىلى ( جاۋاب : بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن . ئۆلىمالار (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن) ھەيزدار ۋە نىپاسدار (تۇغۇتلۇق) ئاياللارنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ دۇرۇسلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپلىشىپ قالغان. بەزى ئۆلىمالار ھەيزدار