ئاياللارنىڭ زىننەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا چىقىشىنىڭ ھۆكمى




ئاياللارنىڭ زىننەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا چىقىشىنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئاياللارنىڭ زىننەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ ئۆيىدىن چىقىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
پەتىۋا بەرگۈچى ئورۇن: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى (10432-نومۇرلۇق پەتىۋا(
»
فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

جاۋاب: ئاياللارنىڭ زىننەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا چىقىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، زىننەتلىك كىيىملەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، ئەرلەرنى جەلپ قىلىدۇ، ئەرلەرنىڭ دىندا پىتنىگە چۈشىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئاياللارنىڭ زىننەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا چىقىشىنىڭ چەكلىنىشى ئاياللارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈندۇر (چۈنكى، نامەھرەملەرنىڭ ئايال كىشىنى تاماشا قىلىشى ئۇنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ-ت.(
مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە-كراملارغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچىلەر: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز [ۋاپاتى:م1420،ھ1999]؛ پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇديان؛ پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد؛

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى

ئىستىھازە بولغان ئايالغا غۇسل ۋاجىپمۇ؟

قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە مۇھەببەتلىشىش