ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى



ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى

»
فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

سوئال: بىز قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان قىزلارمىز. قۇرئان دەرىسلىكىدە ئوقۇتقۇچىمىز بىزنىڭ ھەيزدار ھالىتىمىزدە بىزدىن قۇرئان ئوقۇشنى تەلەپ قىلدى. بىز ئادەتتە ئۇستازىمىزغا ئادەت كۆرگىنىمىزنى ئېيتىشتىن نومۇس قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەيزدار بولغانلىقىمىز سەۋەبلىك قۇرئاننى ئۆزىمىز خالىمىغان ھالدا ئوقۇدۇق. ھەيزدار ھالەتتە قۇرئان ئوقۇش توغرىمۇ؟ ئەگەر توغرا بولمىسا، ئادەت كۆرگەن ۋاقتىمىز قۇرئان دەرسلىكى ئىمتىھانىمىزغا كېلىپ قالغاندا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى:1999-يىلى(

جاۋاب: بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.
ئۆلىمالار (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن) ھەيزدار ۋە نىپاسدار (تۇغۇتلۇق) ئاياللارنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ دۇرۇسلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپلىشىپ قالغان. بەزى ئۆلىمالار ھەيزدار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ قۇرئان ئوقۇشى جۇنۇب كىشىنىڭ قۇرئان ئوقۇشىغا ئوخشاشلا ھارام، دېگەن. ئۇلار يەنە مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ جۇنۇب كىشىنى قۇرئان ئوقۇشتىن چەكلىگەنلىكى توغرۇلۇق سەھىھ ھەدىس بار. جۇنۇبلۇق ھەيزدارلىق ۋە نىپاسدارلىققا (تۇغۇتلۇق ھالەتكە) ئوخشاشلا چوڭ تاھارەتسىزلىكتۇر.» شۇنداق بولغانلىقتىن، ئۇلار ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئاياللارنىڭ تاكى پاكلانغۇچە قۇرئان ئوقۇشىغا يول يوق، دېيىشكەن. شۇنداقلا، ئىمام تىرمىزى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەلللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن:(لا تقرأ الحائض ولا النفساء من القرآن شيئًا)«ھەيزدار بىلەن جۇنۇب قۇرئاندىن ھېچنېمە ئوقۇمىسۇن.»(تىرمىزى 131، ئىبنى ماجە 596)
باشقا ئۆلىمالار مۇنداق قاراشتا بولغان: ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئاياللارنىڭ ھەيزدارلىق ۋە نىپاسدارلىق ھالىتى ئۇزۇن داۋاملىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئاياللار قۇرئاننى يادقا ئوقۇسا بولىدۇ. ھەيزدار ئايال ھەيزدارلىق ھالىتىدە نەچچە كۈنلەپ قالىدۇ، نىپاسدار ئايالنىڭ نىپاسدارلىقى تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ھەيزدارلىق ۋە نىپاسدارلىقنى جۇنۇبلۇققا قىياس قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى، جۇنۇب بولغان كىشى جۇنۇبلۇقتىن كېيىنلا يۇيۇنۇپ، قۇرئان ئوقۇيالايدۇ. بىراق، ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئايال تاكى قان تولۇق توختىمىغۇچە، يۇيۇنۇپ پاك ھالەتكە كېلەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئايال (ئۇزۇن كۈن چوڭ تاھارەتسىز ھالەتتە بولغاچقا) ئۇلارنىڭ قۇرئانغان بولغان ھاجىتى جۇنۇبنىڭ قۇرئانغا بولغان ھاجىتىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشى دۇرۇس ئەمەس، دېگەن ئۆلىمالار دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن: (لا تقرأ الحائض ولا النفساء من القرآن شيئًا)«ھەيزدار بىلەن جۇنۇب قۇرئاندىن ھېچنېمە ئوقۇمىسۇن» دېگەن ھەدىس زەئىپ. ئۆلىمالار بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن ھىجاز ئەھلىدىن بولغان ئىسمائىل ئىبنى ئەيياشنى زەئىپ راۋىي سانىغان (زەئىپ ھەدىسكە ئەمەل قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزلىگەنلىكىدە شەك بار.(
)
شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن،) بۇ ھەقتىكى كۈچلۈك قاراش: ئۇلارنىڭ ھەيزدارلىق ۋە نىپاسدارلىق ۋاقتى ئۇزۇن داۋاملاشقانلىقى ئۈچۈن، ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشى دۇرۇس، دېگەن قاراشتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەيزدار ئايالنى جۇنۇبقا قىياس قىلىش پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ، شۇنداقلا ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنى چەكلەپ كەلگەن ھەدىس زەئىپ.
شۇ ۋەجىدىن، ھەيزدار ۋە نىپاسدار خانىم-قىزلارنىڭ ئىمتىھاندا بولسۇن، ياكى باشقا ھەر قانداق چاغدا بولسۇن قۇرئان ئوقۇشى دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئايال قۇرئان تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمەس، يادقا ئوقۇيدۇ. ناۋادا، قۇرئاننى تۇتۇشقا ئېھتىياج تۇغۇلسا، ئۇ ھالدا بىۋاسىتە تۇتماستىن، ۋاسىتىلىك تۇتىدۇ. يەنى، پەلەي ياكى لاتا بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئوقۇسا بولىدۇ.
يىغىنچاقلىغاندا: كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن، ھەيزدار ۋە نىپاسدار خانىم-قىزلارنىڭ قۇرئاننى يادقا ئوقۇشى دۇرۇس. شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ قولىغا پەلەي كىيىپ ياكى رەختنى ئوراپ قۇرئاننى تۇتۇپ تۇرۇپ ئوقۇشىمۇ دۇرۇس.
(
ئەللامە ئىبنى باز «فەتۋا نۇر ئەلەددەرب»؛ 5-جىلد، 430-بەت)[ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋاسى مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى]
شەيخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تور بېكىتىدە بۇ ھەقتە كەلتۈرگەن دەلىلىدىن بىرى:
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىدە ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشى چەكلەنگەن ئەمەس. خانىم-قىزلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدىمۇ ئوخشاشلا ئادەت كۆرەتتى. ئەگەر ھەيزدار خانىم-قىزلارنىڭ قۇرئان ئوقۇشى شەرىئەتتە چەكلىنىدىغان بولسا، ھەيىزدار خانىم-قىزلارنىڭ ناماز ئوقۇشىنى چەكلىگەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، ئۇلارنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىمۇ چەكلىگەن بولاتتى ۋە بۇنى ئۈممەتكە قالدۇرۇپ كەتكەن بولاتتى. شۇنداقلا، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇسا بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن بولاتتى ۋە بۇنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەن بولاتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشى چەكلىنىدىغان سەھىھ ھەدىس كەلمىگەن ئىكەن، ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنى ھارام قىلىۋېلىش دۇرۇس ئەمەس. شۇ دەۋىردىمۇ قىز-ئاياللار ھەيزدار بولىدىغان تۇرۇپمۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنى چەكلىمىگەنلىكى، بۇنداق قىلىشنىڭ ھارام ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. (مەجمۇئۇل فەتۋا ئىبنى تەيمىييە، 26-جىلد، 191-بەت)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئىستىھازە بولغان ئايالغا غۇسل ۋاجىپمۇ؟

قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە مۇھەببەتلىشىش