قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە مۇھەببەتلىشىش
قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە مۇھەببەتلىشىش 20949- نومۇرلۇق سوئال سوئال : مەن ئون سەككىزگە ياشقا كىرگەن بىر ياش، مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىشنىڭ كەلگۈسىدە ئائىلىنى ۋەيران قىلغۇچى بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. لېكىن توي بولغۇچە زىنادىن خالى، باشقىلاردىن مەخپى تۇتقان ھالدا مۇھەببەتلەشسەك بولامدۇ؟. بۇرۇنقى ئىشقى-مۇھەببەت قىسسىلىرىدە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار بولغانمۇ؟ . جاۋاپ : بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر . مۇھەببەتلىشىش پەقەت ئائىلىنىلا ۋەيران قىلىپ قالماستىن بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتنى ۋەيران قىلغۇچى ئامىل، بۇنداق قىلغان كىشىلەرگە ئاللاھ قاتتىق ئازاب ۋە ئىنتىقامنى ۋەدە قىلغان، مۇھەببەتلىشىش ئىنساننىڭ قەلبىنى ۋەيران قىلىپلا قالماستىن، ئۇ مۇھەببەتلەشكۈچىلەرنى زىنا ۋە يولدىن چىقىشقا يېتەكلەيدۇ، شەيتان داۋاملىق مۇھەببەتلەشكۈچىلەرگە تاكى ئۇلار يولدىن چىقىپ زىناغا قەدەم قويغۇچە بولغان يولنى تەييارلاپ بېرىدۇ، ئاندىن مۇھەببەتلەشكۈچىلەر زىنا ئارقىلىق ئۆز مەقسەتلىرىگە ئېرىشىدۇ . مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان چەكلەنگەن ئى