ئاياللارنىڭ زىننەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا چىقىشىنىڭ ھۆكمى
ئاياللارنىڭ زىننەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا چىقىشىنىڭ ھۆكمى سوئال: ئاياللارنىڭ زىننەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ ئۆيىدىن چىقىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ پەتىۋا بەرگۈچى ئورۇن: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى (10432-نومۇرلۇق پەتىۋا ( » فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى جاۋاب : ئاياللارنىڭ زىننەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا چىقىشى دۇرۇس ئەمەس . چۈنكى، زىننەتلىك كىيىملەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، ئەرلەرنى جەلپ قىلىدۇ، ئەرلەرنىڭ دىندا پىتنىگە چۈشىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئاياللارنىڭ زىننەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا چىقىشىنىڭ چەكلىنىشى ئاياللارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈندۇر (چۈنكى، نامەھرەملەرنىڭ ئايال كىشىنى تاماشا قىلىشى ئۇنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ-ت .( مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە-كراملارغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن . پەتىۋا بەرگۈچىلەر: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز [ۋاپاتى:م1420،ھ1999]؛ پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ پەزى...