كۈيئوغۇل قېيىنئانىغا مەھرەم ھېسابلىنامدۇ؟

كۈيئوغۇل قېيىنئانىغا مەھرەم ھېسابلىنامدۇ

سوئال: بەزى ئاياللارنىڭ كۈيئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا ھىجابلىنىۋېلىشى ۋە ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى رەت قىلىشى دۇرۇسمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى ئورگان: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى (3111-نومۇرلۇق پەتىۋا)
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

جاۋاب: ئايال كىشىگە نىسبەتەن كۈيئوغلى مەھرەم ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئايالنىڭ ئادەتتە ئانىسى، ئاچا-سىڭىللىرى، قىزلىرى ۋە باشقا مەھرەم تۇغقانلىرى كۆرۈشكە بولىدىغان جايلىرىنى كۈيئوغلىنىڭمۇ كۆرۈشى دۇرۇس. شۇ يۈزدىن، ناۋادا قېينىئانانىڭ كۈيئوغلى ئالدىدا يۈز، چاچ ۋە بىلەكلىرىنى يۆگىۋېلىشى ھىجابلىنىش چېكىدىن ئېشىپ كېتىش ھېسابلىنىدۇ. كۈيئوغلى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى رەت قىلىشمۇ ئوخشاشلا چەكتىن ئېشىشتۇر. بۇ سەلبىي مەسىلىلەرگە، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق رىشتىسىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن، قېينىئانا بۇنداق چەكتىن ئېشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ناۋادا، كۈيئوغلىنىڭ ئەخلاقىدىن گۇمانغا چۈشكەن، كۈيئوغلىنىڭ ئۆزىگە غەيرى نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى سەزگەن ئەھۋالدا يۇقارقىدەك قىلغان بولسا، توغرا قىلغان بولىدۇ.
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى

ئايال كىشى ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۇسۇل ئوينىسا بولامدۇ؟

ئىستىھازە بولغان ئايالغا غۇسل ۋاجىپمۇ؟